يەمەندە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

يەمەننىڭ پايتەختى سەنئادا شىئەلەرگە ئائىت بىر جامەدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 7 كىشى قازا قىلدى.

389064
يەمەندە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقە سەنئانىڭ شىمالىغا جايلاشقان نەھدە مەھەللىسىدىكى ئەننۇر جامەسىدە ناماز شام قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەردى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئادەم بومبا جامەدە ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقان. يەنە بىر تەرەپتىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قاراشلىق سەنئا ۋىلايىتى تەشكىلاتى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دائېش مەنسۇبى كىشىنىڭ نەھدە مەھەللىسىدىكى ئۇرۇشقا چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان شىئە ھۇسىيلارنى نىشان قىلىپ ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر