مۇساپىرلارنىڭ ئۈمىد سەپىرى داۋاملاشماقتا

ئادەم ئۆلۈش ھادىسىلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي مۇساپىرلارنىڭ ئۈمىد سەپىرى توختاپ قالمىدى.

389067
مۇساپىرلارنىڭ ئۈمىد سەپىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 45 مۇساپىر تۇتۇلدى.
گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىرىغا كېتىش ئۈچۈن كېمە بىلەن يولغا چىققان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللار بىلەن نارىسىدە بالىلارمۇ بار ئىدى.
ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى تەرىپىدىن ئايۋالىقنىڭ گۈنەش ئارىلى ئەتراپىدا تۇتۇلغان مۇساپىرلار ئايۋالىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر