ئىسرائىلىيەنىڭ يافا رايونىدىكى ئوسمانلى جامەسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىسرائىلىيەنىڭ يافا شەھىرىدىكى ئوسمانلى دەۋرىدىن قالغان ھەسەن بەي (بەگ) جامەسى كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

388370
ئىسرائىلىيەنىڭ يافا رايونىدىكى ئوسمانلى جامەسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلئەقسا ۋەقپى ۋە مەدەنىيەت مىراسى ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈنۈگۈن ئەتىگەندە جامەگە تاش ئېتىش نەتىجىسىدە بەزى دەرىزىلەرنىڭ سۇنغانلىقى ۋە جامەگە تالاپەت يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. بۇنىڭ قورقۇنچاقلارچە قىلىنغان بىر قىلمىش ئىكەنلىكى، شۇنداقلا مۇبارەك ئىسلامىي ئورۇنلارغا زىيان يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «ھەسەن بەي جامەسىگە قىلىنغان ھۇجۇم ئەينى ۋاقىتتا مەسجىدى ئەقساغىچە سۇزۇلغان ئىسرائىلىيەلىك ئەڭ يۇقىرى رەسمىي مەنبەلەرنىڭ ئىرقچى ۋە ۋە سىستېمىلىق كۈشكۈرتۈشلىرىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلدى.

باياناتتا، بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئاشقۇن دىندار ئىسرائىلىيەلىكلەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بارلىق ئېھتىماللىقلارنىڭ نەزەردە تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن 1984- يىلى پۈتۈنلەي يىقىپ تاشلانغان رايونىدىكى ئەرەب مەھەللىسى مەنشىييەدە قالغان بىردىنبىر ئىسلام بىناكارلىق ھېسابلىنىدىغان ھەسەن بەي جامەسى 1916- يىلى سېلىنغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر