رۇسىيە سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدە بايانات بەردى

رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە يېقىن يەردىكى ئۆكتىچىلەر كونترول قىلىۋاتقان ئىھسىم دېھقانچىلىق مەيدانىنى بومباردىمان قىلدى.

387387
رۇسىيە سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدە بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا؛ رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە يېقىن يەردىكى ئۆكتىچىلەر كونترول قىلىۋاتقان ئىھسىم دېھقانچىلىق مەيدانىنى بومباردىمان قىلدى. ھۇجۇمدا پۇقرالار مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ 3 نەپەر خادىمى بىلەن دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى 6 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. رايوندا ئېغىر ماددىي زىيان كۆرۈلدى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئالدىنقى ھۇجۇم پەيدا قىلغان خارابىلىكلەر ئارىسىدا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئاساسىي ھەربىي ھەرىكەت باشقارمىسى باشلىقى ئاندرېي كارتاپولوۋ، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيەدە 60 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇچۇپ، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 50 جاينى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە «ھاۋا ھەرىكەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەنلا قالماستىن ئۇنىڭ شىددىتىنىمۇ ئاشۇرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر