«پەلەستىن بىلەن شەرتسىز تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشقا تەييارمىز»

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ پەلەستىن بىلەن شەرتسىز تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى جاكارلىدى.

386475
«پەلەستىن بىلەن شەرتسىز تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشقا تەييارمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېتانياھۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا ناھايىتى ئاز كىشى ئىشتىراك قىلغان يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالىماسلىق ۋە كېلىشىم تۈزۈشتىن قېچىش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئىراننى قاتتىق تەنقىد قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان نېتانياھۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى «ئىسرائىلىيە تەھدىت دەپ قاراۋاتقان بولۇشىغا قارىماي تېھرانغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.
نېتانياھۇ، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى كۇلۇبىغا كىرىشىگە يول قويمايدۇ.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر