ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان چۈشىنىش ھاسىل قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى مىنادا مەيدانغا كەلگەن قىستاڭچىلىق ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىرانلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

385905
ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان چۈشىنىش ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان سەھىيە مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز بىلەن ئىرانلىق مەنسەپدېشى ھاشىمى جىددە شەھىرىدە ئۆزئارا ئۇچراشتى. ئىرانلىق مىنىستىر دۆلىتىنىڭ ئەكسىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مىنادىكى پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، «سەئۇدىيلىق ئەمەلدارلار تېگىشلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى» دېدى.

ئىككى مىنىستىر مىنادىكى قىستاڭچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان 464 ئىرانلىق ھاجىنىڭ جەسىتىنىڭ ئىرانغا ئەۋەتىلىشى توغرىسىدا كېلىشتى.

ئەلئەرەبىييە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى مىنىستىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا داۋالىنىۋاتقان ئىرانلىق يارىدارلار مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلىشتى.

مۇسۇلمانلارنىڭ مۇبارەك زېمىنى مەككىنىڭ مىنا رايونىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قانۇنىغا ئاساسەن دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىلمەستىن «ھەرەمى شەرىف» تەۋەلىكىدىكى قەبرىستانلىقلارغا دەپنە قىلىنىدۇ. ئىراننىڭ تەلىپىنىڭ ماقۇللىنىشى بۇ جەھەتتىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

مىنادىكى قىستاڭچىلىقتا 800 گە يېقىن ھاجى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 900 ئادەم يارىلانغانىدى.

ئىران قازادا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 4173 ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ دەۋانى رەت قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر