پۇتىننىڭ سىۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت قىلىش تەكلىپى تەستىقلاندى

سېرگېي ئىۋانوۋ، بۇ قارارنىڭ پەقەت ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

385751
پۇتىننىڭ سىۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت قىلىش تەكلىپى تەستىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى قانېتى ھسابلىنىدىغان فېدېراتسىيە كېڭىشى، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چەت ئەللەردە ھەرىكەت قىلىشىغا ئالاقىدار پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تەكلىپىنى تەستىقلىدى.
كرېمل سارىيىنىڭ مەسئۇلى سېرگېي ئىۋانوۋ، سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەشار ئەسەدنىڭ تەلىپىگە بىنائەن رۇسىيە بىلەن سۈرىيەنىڭ تېرررولۇق تەشكلاتى دائېشقا قارشى ھاۋادىن ھۇجۇم باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سېرگېي ئىۋانوۋ، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى دائېشقا قارشى سۈرىيە ئارمىيەسىگە ھاۋادىن ياردەم قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەمما رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەردە قانداق قوراللارنى ئىشلىتىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
سېرگېي ئىۋانوۋ، بۇ قارارنىڭ پەقەت ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆتكەن يىلى قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋالىدىغان چاغدىمۇ ئەشۇنداق ھەربىي ھوقۇق بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ رۇسيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىغا ماسلاشقان ھالدا ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا يېقىندىن بۇيان قۇرۇلغان مەركەزنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ ئارىلىقتا سەئۇدى ئەربىستانمۇ سىياسىي باسقۇچتىن كېيىن ئەگەر ئەسەد چۈشۈپ كەتمەيدىغان بولسا، ھەربىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر