بەششار ئەسەدنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى تەكشۈرۈلمەكتە

پارىژ تەپتىش مەھكىمىسى ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ 2011 – يىلىدىن 2013 – يىللىرىغىچە بولغان جەرياندا ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرى ھەققىدە ئالدىن تەكشۈرۈش باشلىدى.

385746
بەششار ئەسەدنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى تەكشۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە سۈرىيە دۆلەت رەئىسى بەششار ئەسەدنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدە رەسمىي تەكشۈرۈش باشلاندى.
پارىژ تەپتىش مەھكىمىسى ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ 2011 – يىلىدىن 2013 – يىللىرىغىچە بولغان جەرياندا ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرى ھەققىدە ئالدىن تەكشۈرۈش باشلىدى.
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لوران فابيۇس بەششار ئەسەد ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.
فابيۇس: «ئىنساننىڭ ۋىجدانىنى ئېچىندۈرىدىغان بۇ جىنايەتلەر، بۇ قورقۇنچلۇق بىيۇكراسىيە ۋە ئىنسان قىممىتىنىڭ نولگە تەڭ ھېسابلىنىشىغا قارىتا بىزنىڭ ئۆتەشكە تېگىشىلىك ۋەزىپىمىز، بۇ جىنايەتلەرنىڭ جازاسىز قالماسلىقى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى.
پارىژ تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشنىڭ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «سۈرىيەدە سادىر قىلىنغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى» ناملىق دوكلاتىنى ئاساس قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
سۈرىيەدە ھۆكۈمەتكە تەۋە ھەربىي دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېلىنگەن جەسەتلەرنى رەسىمگە تارتىشقا بەلىگلەنگەن ۋە ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ھەربىي ساقچىنىڭ 2012 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە تارتقان رەسىملىرىدە 11 مىڭ كىشىنىڭ سىستېمىلىق قىيىن – قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مۇتەخەسسىسلەر توغرا ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ چىققان مەزكۇر رەسىملەر ئالدىنقى يىلى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، س ئەن ئەن ۋە گاردېئان گېزىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر