ئافغانىستان  بىخەتەرلىك كۈچلىرى تالىبانغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى يەكشەنبە كۈنى تالىبان مىلىتانلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن قۇندۇز ۋىلايىتىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

347902
ئافغانىستان  بىخەتەرلىك كۈچلىرى تالىبانغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇندۇز ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى سەئىد سەرۋەر ھۈسەيىن، بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئەتىگەن تەرەپلەردە قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا تۈرمە ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىنالىرىنى كونىترول ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى.
ھۈسەيىن پايتەخت كابۇل ۋە بەلخ شەھەرلىرىگە ياردەم بېرىش قىسىملىرى ئەۋەتىلگەنلىكىنى، قۇندۇزدا قاتتىق توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبانغا ئەزا تېررورىستلار تۈنۈگۈن قۇندۇزنى قولغا كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن بىر قىسىم دۇكانلارنى بولاپ – تالىغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز ۋىلايىتى تالىبانغا نىسبەتەن ئىستىراتېگىيەلىك جەھەتتىن قانچىلىك مۇھىم بولسا، سىمۋوللۇق جەھەتتىنمۇ شۇنچىلىك مۇھىم ئىكەن.
تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىبان غەرب كۈچلىرىنىڭمۇ ياردىمى بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد، قۇندۇز شەھەر مەركىزىدىن سىرت يەنە، چاردەرە ناھىيەسىنىڭ كونتىروللۇقىنىمۇ قولغا كىرگۈزگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر