تەيفېڭ بورىنى تەيۋەنگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى

تەيۋەندە تەيفېڭ بورىنى 2 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى، 324 ئادەمنىڭ يارىلىنىشى، 6 تاغچىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

385500
تەيفېڭ بورىنى تەيۋەنگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  سۈرئىتى سائىتىگە 227 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بوران - چاپقۇن دەل – دەرەخلەرنى قومۇرۇپ تاشلىدى. بىر قىسىم رايونلاردا يەر كۆچۈش مەيدانغا كەلدى.
تاغلىق رايونلاردا ياشاۋاتقان تەخمىنەن 5 مىڭ كىشى بىخەتەر رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، نۇرغۇنلىغان ھاۋا ۋە تۆمۈر يول قاتنىشى بىكار قىلىندى، تاش يوللار تاقالدى.
ئاپەتتە 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى توكسىز، يۈز مىڭلارچە كىشى سۇسىز قالدى.
تەيفېڭ بورىنى بولۇپمۇ تەيپېي، خۇۋاليەن ۋە يىلەن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى.
ئاپەتتىن كېيىن تەيپېيدە تازىلىق ۋە رېمۇنت خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
تەيفېڭ بورىنى خىتايغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.
فۇجيەن ئۆلكىسىدە 160 مىڭ كىشى ئولتۇرغان 30 مىڭ بېلىقچىلار كېمىلىرى پورتقا قايتتى.
جېجياڭ ئۆلكىسىدە كۆپلىگەن يۈك پاراخوتلىرى پورتقا لەڭگەر تاشلىدى، ئۆلكىدىكى 7 شەھەردە 260 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.
تەيفېڭ بورىنىنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىغا قاراپ ئىلگىرىگەندىن كېيىن پەسىيىشى كۈتۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر