دۇنيا رەھبەرلىرى سۈرىيە كىرزىسى توغرىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى

دۇنيا رەھبەرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۈرىيە ھەققىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.

385473
دۇنيا رەھبەرلىرى سۈرىيە كىرزىسى توغرىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 4 يىلدىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇشقا سەھنە بولىۋاتقان سۈرىيەدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تۈركىيەنىڭ ئويناپ كېلىۋاتقان رولى كۈندىن-كۈنگە روشەنلىشىشكە باشلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ70-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدە يەنە سۈرىيە كىرزىسى بار ئىدى. ئومۇمىي كېڭەشتە سۆز قىلغان دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئەربابلىرى سۈرىيە كىرزىسى ئۈستىدە تەكلىپ پىكىرلىرىنى بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن، سۈرىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەدىن سىرت ئامېرىكا، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: « تەرەپلەر بىر-بىرلىرى بىلەن مۇرەسسەلەشمىسە ئەھۋال يەنە ئۆزگەرمەيدۇ.»
سۈرىيەدە 250مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتقان بان كىمۇن يەنە مۇنداق دېدى: «شۇنى ئېنىق دەپ قوياي، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلار ھەربىي يول بىلەن ھەل بولمايدۇ.»
سۈرىيەدىن ياۋروپاغا نۇرغۇن ئادەمنىڭ كۆچۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بان كىمۇن، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى. رۇسىيە پىرىزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىش يىغىنىدا سۈرىيە توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. پۇتىن سۈرىيەدىكى دائېشنىڭ تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى مۇسۇلمان دۆلەتلەرمۇ بولغان كۈچلۈك ئىتتىپاقداش قىسىم قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
دائېشقا قارشى پەقەت ئەسەد قىسىملىرى بىلەن كۈرتلەرنىڭلا ئۇرۇش قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن پۇتىن مۇنداق دېدى: «سۈرىيە كىرزىسىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن دەمەشىق ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتماسلىق پاجىئەگە سەۋەب بولىدۇ. دائېشقا قارشى تۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى سۈرىيەدە دۆلەت ئورگانلىرىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.»
ئوتتۇراشەرقتە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئە ۋە تىراگىدىيەلەر سەۋەبىدىن غەرب دۆلەتلىرىنى ئەيىبلىگەن پۇتىن، سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرگە قورال-ياراغ تارقىتىپ بېرىلىشىنى تەنقىد قىلدى.
ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزىدېنتى باراك ئوبامامۇ رۇسىيە بىلەن سۈرىيە پىرىزىدېنتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەسەتتەك زالىم بىر كىشى ئۆز خەلقىگە خىمىيىۋى قورال ئىشلەتتى.»
دائېشنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنى قەتلى قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئوباما، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىران ۋە رۇسىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
ئوباما سۈرىيەدە ھاكىمىيەتنىڭ ئەسەدتىن ئېلىنىپ باشقا بىر رەھبەرگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنى، سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۆز كېلەچىكىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىملەر ئۈستىدە توختالغان باراك ئوباما، مۇشۇنداق قىلىپ دۇنيانىڭ ئۇرۇش خەۋپىدىن ساقلىنىپ قالغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئوباما يەنە كۇباغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭمۇ بېكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر