يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇش بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە
يەمەندە شىئە ھۇسىلەر بىلەن ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ تايىز شەھىرىدە شىئە ھۇسىلەر بىلەن ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرى بولغان خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلاردا شىددەت بىلەن داۋملاشماقتا.
توقۇنۇشلاردا بىر سودا-سېتىق مەركىزىگە توپ ئوقى ئېتىلىشى نەتىجىسىدە 11 ئادەم ئۆلدى. ھۇسىلەر بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھى تەرەپدارلىرى قورشاۋ ئاستىدىكى شەھەر تايىزغا پات-پات ھۇجۇم قوزغاپ كەلمەكتە.
بۇ ئارىلىقتا، يەمەدەن ئالتە ئاي ئىلگىرى شىئە ھۇسى مىلىتانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغان ئۈچ نەپەر ئامېرىكا پۇقراسى، ئىككى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ۋە بىر ئەنگلىيەلىك قويۇپ بېرىلدى.
مەخسۇس ئايرۇپىلان بىلەن ئۇمماننىڭ پايتەختى ماسكاغا ئېلىپ كېلىنگەن بۇ كىشىلەر بۇ جايدىن دۆلىتىگە قايتىپ كېتىدۇ.
بۇ كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۇممان ھاكىمىيىتى ئالاھىدە كۈچ چىقاردى. ئۆتكەن ئايمۇ پايتەخت سەنئادا ئېلىپ قېچىلغان ۋە ئالتە ئاي گۆرۈدە تۇتۇلغان بىر فىرانسىيەلىك قويۇپ بېرىلگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.