تۈركىيە ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۇركىنا فاسودا بىر گۇرۇپپا ئەسكەرنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ۋەقەسىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

389847
 تۈركىيە ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ 16 – سېنتەبىر كۈنى ۋاگادۇگۇدا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىگە قاراشلىق بىر گۇرۇپپا ئەسكەرنىڭ مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان زالغا بېسىپ كىرىپ، ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت مىچېل كافاندو، باش مىنىستىر ياكۇپ ئىسھاق زىدا ۋە باشقا مىنىستىرلارنى قولغا ئېلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ۋەقەسىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، تۈركىيەنىڭ سىياسەتكە دېموكراتىك بولمىغان يوللار بىلەن مۇداخىلە قىلىنىشىغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇركىنا فاسو باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۆتكۈنچى باسقۇچ ۋە 2015 – يىلى 11 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلىنىۋاتقان ئومۇمىي سايلام ھارپىسىدا دۆلەتتە دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىلىشىغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش، بۇركىنا فاسودىكى تىنچلىق باسقۇچىنى خەۋپكە دۇچار قىلماقتا ھەمدە دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەكتە. بۇ باسقۇچتا بارلىق تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىمىز.»
بۇ ئارىلىقتا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇركىنا فاسودا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن يۈز بەرگەن سىياسىي مۇقىمسىزلىقنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئامال بار بۇ دۆلەتتە زىيارەتتە بولماسلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر