بۇركىنا فاسودا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى بۇركىنا فاسودا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى.

388699
 بۇركىنا فاسودا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت مەھكىمىسى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى ئىچكى كابىنېتقا بېسىپ كىرىپ، مۇۋەققەت پىرېزىدېنت مىچېل كافاندو، باش مىنىستىر ياكۇپ ئىسھاق زىدا ۋە باشقا مىنىستىرلارنى قولغا ئالدى.
پارلامېنت باشلىقىنىڭ كافاندو بىلەن ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى توغرۇلۇق چاقىرىق ئېلان قىلىشىدىن كېيىن كەڭ خەلق ئاممىسى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
پىرېزىدېنت سارىيىغا قاراپ ماڭغان نامايىشچىلار بىلەن مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
ئەسكەرلەر ئاسمانغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، خەلق ئاممىسىنى تارقىتىۋېتىشكە تىرىشتى. بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنى تارقىتىۋېتىش نىشان قىلىنغان بىر قانۇن تەكلىپىنىڭ ھازىرلىنىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر