ئافغانىستاندىكى بىر تۇرمىدىن 352 مەھبۇس قېچىپ كەتتى

ئافغانىستاننىڭ غەزنە ئۆلكىسىدە تالىبان مىلىتانلىرى بىر تۇرمىغا بېسىپ كىرىپ، 352 مەھبۇسنى قاچۇرۇۋەتتى.

387245
ئافغانىستاندىكى بىر تۇرمىدىن 352 مەھبۇس قېچىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ غەزنە ئۆلكىسىدە تالىبان مىلىتانلىرى بىر تۇرمىغا ھۇجۇم قىلىپ 352 مەھبۇسنى قاچۇرۇۋەتتى.
ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ فورمىسىنى كىيىۋالغان تالىبان مىلىتانلىرى دەسلەپ تۈرما ئالدىدا بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىلنى پارتلاتتى.
مىلىتانلار پارتلاشتىن كېيىن بىناغا كىرىش ئۈچۈن ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى، توقۇنۇشتا 4 ساقچى بىلەن 3 تالىبان مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى، 10 ساقچى بىلەن 4 مىلىتان يارىلاندى.
تالىبان 2011-يىلى قەندىھار ئۆلكىسىدە بىر تۇرمىغا بېسىپ كىرىپ، 500دەك مەھبۇسنى قاچۇرۇۋەتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر