خىتاي پەقەت نېفىت دەپ تۇرمىغان بولسا، سۇدان پارچىلانمايتتى

سۇدان مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي بىلەن ئىمزالانغان سودا كېلىشىملىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى؛ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تۈزۈتۈپ، ئىچكى ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق كىرىزىسنى ھەل قىلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

387447
خىتاي پەقەت نېفىت دەپ تۇرمىغان بولسا، سۇدان پارچىلانمايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور كەبەج: « خىتاينىڭ پەقەت نېفىت ساھەسىگىلا مەركەزلىشىشى، سۇداننىڭ بىر مەنبەگە تايىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. خىتاي نېفىتتىن باشقا، يېزا ئىگىلىكىگە ئوخشاش ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە ساھەلەرگە مەبلەغ سالغان بولسا ئىدى، سۇداننىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بەرمىگەن ۋە نېفىت كىرىمىدىن ئايرىلىپ قالمىغان بولاتتۇق» دېدى.
مۇتەخەسسىسلەر، سۇداننىڭ ئېمبارگو تەسىرىدە دۇنيا بازارلىرىدىن يىراق قالغانلىقتىن، خىتاي بازىرىغا يۈزلىنىپ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
سۇدان ئۇنىۋېرستېتى ئىقتىساد كەسپى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور مۇھەممەد ئىبراھىم كەبەج ئانادولۇ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ھۆكۈمەت ئىزچىل ھالدا مۇبالىغە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ ئۇسۇل سۇدان پۇلىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، خىتاينىڭ ئەرزان باھاللىق ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشقا مەجبۇر قىلماقتا. كونسېرۋادىن تارتىپ ھەر خىل چوڭ تىپلىق ماشىنىلارغىچە ھەممىسى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدۇ» دېدى.
خارتۇم ئۇنىۋېرستېتى سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ھاج ھامىد، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۇدانغا قارشى نۇرغۇنلىغان قارارلاردا «رەت قىلىش ھوقۇقى» بار تۇرۇپ بىتەرەپ تۇرغانلىقىنى ۋە سۇدان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي تەرىپىدىن ئاساسىي ئۇل – ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن قەرزلەردە، قۇرۇلۇش لايىھەلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىش شەرتىنى قوشۇشى، خىتاينىڭ سۇداندىن ئالىدىغان پايدىسىنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ: «خىتاي بىلەن بولغان سودا شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىز سۇداننىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. خەلقئارادا غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تۈزۈتۈپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلالىشىمىز مۇمكىن. خىتاي – سۇدان ھەمكارلىقى ھەر دائىم خىتايغا پايدىلىق بولدى، خىتاي سۇدان بازىرىغا كىرگەندە ھېچقانداق رەقىپلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپاغا قىلىدىغان ئېكسپورتىنىڭ دەل ئەكسىچە، بىزگە سۈپەتسىز ماللارنى ئېكسپورت قىلدى» دېدى.
سۇدان نېفىت زاپىسىنىڭ % 80 ى 2011 – يىلى 9 - ئىيۇلدىكى ئاۋاز تاشلاشتا مۇستەقىل بولغان جەنۇبىي سۇدانغا جايلاشقان. بۇ ئەھۋال زېمىنى ۋە نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يوقىتىپ قويغان سۇداننىڭ ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. ئەينى ۋاقىتتا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن سىياسىي يىرىكچىلىكى بولغان پىرېزىدېت ئۆمەر ئەلبەشىر سۇدان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۆمەر ئەلبەشىر بۇ ئاي (سېنتەبىر) نىڭ بېشىدا قىلغان ئالتە كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدە، نۇرغۇنلىغان سودا كېلىشىملىرىگە ئىمزا قويدى.
1989 – يىلى ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ئۆمەر ئەلبەشىر ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن ئامېرىكا، 1993 – يىلى سۇداننى «تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى ۋە1997 – يىلىدىن بۇيان ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ كەلدى.
ئۆمەر ئەلبەشىر خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ «ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن» كىشىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دارفۇردا نۇرغۇنلغان ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ئۇرۇشتا مەسئۇلىتى بار دەپ قارىلىپ، 2009 – ۋە 2010 – يىلى ئىككى قېتىم تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر