مەككىدىكى قۇم بورىنى سەۋەبىدىن كەبىدە پاجىئە يۈز بەردى
سەئۇدى ئەرەبىستان خەلق ئامانلىقىنى قوغداش دائىرىسى مەسئۇللىرى، 107 نەپەر ھاجى نامزاتىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ۋە 240 ئەتراپىدا ھاجى نامزاتىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
386314
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ھەرەمنىڭ تاۋاپ مەيدانىنى كېڭەيتىش قۇرۇلىشىدا ئىشلىتىلىۋاتقان كىران ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان خەلق ئامانلىقىنى قوغداش دائىرىسى مەسئۇللىرى، 107 نەپەر ھاجى نامزاتىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ۋە 240 ئەتراپىدا ھاجى نامزاتىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تاۋاپ ئەسناسىدا قازاغا يولۇققان ھاجى نامزاتلىرىنىڭ ئىچىدە تۈركىيەلىكلەرنىڭمۇ بارلىقى، 2 نەپەر تۈرك ھاجى نامزاتى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 19 نەپەر تۈركىيەلىك ھاجى نامزاتىنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.
كىراننىڭ ھاجىلار ئەڭ زىچ يەرگە چۈشكەنلىكى ۋە ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن ۋاجىئەدىكى زىيان ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.