يەمەن ھۆكۈمىتى مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلدى

يەمەن ھۆكۈمىتى شىئە ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى (ھۇسىيلار) بىلەن بىۋاستە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلدى.

344235
يەمەن ھۆكۈمىتى مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن سابا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت ئابدۇرەببۇ مەنسۇر ھادى باشچىلىقىدا باش مىنىستىر خالىد باھھاھ ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل رەھبەرلەر، يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقىتلىق ئىش بېجىرىش ئورنى جايلاشقان سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا يىغىن ئۆتكۈزگەن. يىغىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2216 – نومۇرلۇق قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى مەقسەت قىلغان ھادى تەرەپدارلىرى ھۇسىيلار بىلەن ئۇچرىشىشنى قارار قىلغان. يىغىنغا مۇرەسسەچى سۈپىتىدە قاتناشقان ب د ت نىڭ يەمەندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى ئىسمائىل ۋەلىد شەيخ ئەھمەدمۇ بۇ قارارنى قوللىغان.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئاپرېل ئېيىدا چىقارغان 2216 – نومۇرلۇق قاراردا، ھۇسىيلار بىلەن سالىھ تەرەپدارلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشنى ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشنى دەرھال توختىتىپ، شەھەرلەردىن چېكىنىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر