يوقاپ كەتكەن ئايروپىلان توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىندى
سېنېگالدا شەنبە كۈنى يوقاپ كەتكەن ئايروپىلان توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىندى.
376523
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، ئايروپىلاننىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئايروپىلاندا 3 ئۇچقۇچى، 3 كىشىلىك سەھىيە ئەترىتى ۋە 1 كېسەل بار ئىدى.
ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ پايتەختى مالابوغا جىددىي قونغان Boeing تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسى ھاۋادا بىر جىسىمغا سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئايروپىلاننىڭ قالدۇقىنى ئىزدەش پائالىيەتلىرى فىرانسىيە ۋە كاناريا ئاراللىرىدىن كەلگەن ئەترەتلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.