سومالىلىق ئاياللار ئەش-شەبابقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

سومالىنىڭ پايتەختى موگودىشۇغا نۇرغۇن ئايال يىغىلىپ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەبابقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

376209
سومالىلىق ئاياللار ئەش-شەبابقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا ئاياللار تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەبابقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
پايتەخت موگادىشۇغا يىغىلغان يۈزلەرچە ئايال، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ بۇرۇنراق ئاخىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. نامايىشچىلار ئۆتكەن ھەپتە سومالىدىكى بىر ھەربىي بازىسى ئەش-شەباب تەرىپىدىن ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 50 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قاراشلىق قىسىملارنى ئاداققىچە قوللايدىغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشتى.
بۇنىڭدىن باشقا، كېنىيە ئارمىيەسىنىڭ سومالى چېگرىسىدىكى ئورمانلىقتا پاناھلىنىۋاتقان ئەش-شەباب لاگېرلىرىغا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر