بېيجىڭ ساقچىلىرى بىر پىچاقلىق ھۇجۇمچىنى ئېتىپ يارىلاندۇردى

بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ بۈگۈن (سەيشەنبە) بېيجىڭدا بىر پىچاقلىق ھۇجۇمچىغا ئوق چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

376198
بېيجىڭ ساقچىلىرى بىر پىچاقلىق ھۇجۇمچىنى ئېتىپ يارىلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ بۈگۈن (سەيشەنبە) بېيجىڭدا بىر پىچاقلىق ھۇجۇمچىغا ئوق چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ساقچىلىرى بېيجىڭدا بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە بىرىنى يارىلاندۇرغانغان بىر پىچاقلىق ھۇجۇمچىغا تۇتماقچى بولغان ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئوق چىقارغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھۇجۇمچى بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن خېلوڭجىياڭلىق بىر ئەر بولۇپ، نۆۋەتتە بېيجىڭ چاۋياڭ رايونىدىكى بىر يولدا يۈز بەرگەن مەزكۇر ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە يەنە، گۇماندار ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، گۇماندارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ باشقا تەپسىلاتلىرى ئۈستىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر