ئافغانىستاندا تالىبانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا

ئافغانىستاندا تالىبانغا قارشى ئاخىرقى 24 سائەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 37 تالىبان ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى، توققۇز تالىبان ئەزاسى يارىدار ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلدى.

375814
ئافغانىستاندا تالىبانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 11 ئافغانىستان ئەسكىرىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان. ھەربىي ھەرىكەتلەردە مەرگەنلەرنىڭ قوراللىرى، زەمبىرەك ۋە باشقا ھەر خىل ئېغىر تىپلىق قوراللار، پارتلىغۇچى بۇيۇملار يۈكلەنگەن نۇرغۇن ئاپتوموبىللار ۋە 200 دىن ئارتۇق مىنا ئولجا ئېلىنغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر