بىر خىتاي پۇقراسى پىلنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلدى

ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىغا جايلاشقان چاتىگار ئۆلكىسىنىڭ رايگار شەھىرىدە پىل ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بىر خىتاي ئىنژېنېرىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

375799
بىر خىتاي پۇقراسى پىلنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، رايگار شەھىرىنىڭ كاتېنگاپالى يېزىسىدا قۇرۇلۇۋاتقان ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلەۋاتقان 41 ياشلىق جوڭ كىتاۋ، بۈگۈن (7 – سېنتەبىر) سەھەردە دوستلىرى بىلەن ئورماندا ئايلىنىۋاتقاندا قويۇۋېتىلگەن پىلغا ئۇچراپ قالغان. پىل جوڭ كىتاۋنى دەسسەپ ئىزىۋەتكەن، باشقىلار بولسا، بۇ پۇرسەتتە قېچىپ كەتكەن.
ھىندىستاندا تەخمىنەن 26 مىڭ پىل بارلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ. ھىندىستاندا شەھەر پىلانىنىڭ قالايمىقان بولۇشى ۋە بوز يەر ئېچىش ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ھاياتلىق يولى تارىيىپ كەتكەن پىللارنىڭ ئادەملەرنى دەسسەپ ئۆلتۈرۈش ۋە ئۆيلەرگە زىيان سېلىش ۋەقەلىرى پات – پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر