«2مىليون كۆچمەنگە ئىگە چىققان تۈركىيەنى قوللاش كېرەك»
دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 2 مىليون سۈرىيەلىك كۆچمەنگە ئىگە چىققان تۈركىيەنى چوقۇم قوللاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپادا ئەۋجىگە چىققان كۆچمەنلىك دولقۇنى ھەققىدە دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرىستىيان جېنسېن بايانات بەردى.
جېنسېن سۈرىيەگە قوشنا دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىنمىغان ۋە مۇساپىرلار لاگېرلىرىنىڭ شارائىتى ياخشىلانمىغان تەقدىردە، ياۋروپادىكى مۇساپىرلار كىرزىسىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 2 مىليون سۈرىيەلىككە ئىگە چىققان تۈركىيەنىڭ قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
جېنسېن مۇساپىرلار سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشى سەۋەبىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تارىخىدا ئەڭ ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ كۆچمەنلىك دولقۇنى توختىلمىغان ۋە سۈرىيەگە قوشنا دۆلەتلەردىكى 4 مىليون مۇساپىر شىمالىي ئافرىقىنىڭ ھەممىسى ياۋروپاغا كۆچۈشكە باشلىغان تەقدىردە، بىرمۇ ياۋروپا دۆلىتى بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىپ بولالمايدۇ.»
سۈرىيەگە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان جېنسېن يەنە مۇنداق دېدى: «رايون دۆلەتلىرىگە ياردەم قىلمىساق، مۇساپىرلار لاگېرلىرىنىڭ شارائىتلىرىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقارمىساق، 2 مىليون كۆچمەن قوبۇل قىلغان تۈركىيەگە ياردەم قىلمىساق ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ، بىز بۇنىمۇ كۆرۈپ يېتەلمىسەك كىرزىسلەرنى قوبۇل قىلمىدۇق، دېگەنلىك بولىدۇ.»
جېنسېن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ مۇساپىرلارنى قايتۇرۇۋېتىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرزىسنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنىڭ كۆچمەنلىك دولقۇنىغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.