بوكو ھارام تەشكىلاتى نىگېرىيەدە يەنە نۇرغۇن ئادەمنى قەتلى قىلدى

بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى نىگېرىيەنىڭ بورنو ئۆلكىسىدىكى يېزىلاردا قەتلىئام يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

373730
بوكو ھارام تەشكىلاتى نىگېرىيەدە يەنە نۇرغۇن ئادەمنى قەتلى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى نىگېرىيەنىڭ بورنو ئۆلكىسىدىكى يېزىلاردا قەتلىئام يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ قېتىم يەنە ئىككى يېزىغا باستۇرۇپ كىرگەن بوكو ھارام قوراللىقلىرى، 26 ئادەمنى قەتلى قىلدى. بوكو ھارام تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپىتىنىڭ ئاخىرىدىمۇ مەزكۇر ئۆلكىدىكى يېزىلارغا باستۇرۇپ كىرىپ، 80 ئادەمنى قەتلى قىلغانىدى.

بورنو ئۆلكىسىدىكى قولغا كىرگۈزگەن يېزىلاردا شەرىئەت ئېلان قىلغان بوكو ھارام تەشكىلاتى، ئارمىيە تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ‹ئېتىپ قېچىش› تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، يېزىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، نىگېرىيە ۋە قوشنا 4 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ بوكو ھارامغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

تەشكىلات ئوتتۇرىغا چىققان 2009 – يىلىنىڭ مابەينىدە نىگېرىيەدە 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىر يېرىم مىليون ئادەم ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر