ئىراقتا دائېشنىڭ 70 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى، 230 كىشى قويۇپ بېرىلدى
ئىراقنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئىراق ئارمىيەسى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 70 دائېش ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى، 12 ئاپتوموبىلى يوقىتىپ تاشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئىراق ئارمىيەسى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 70 دائېش ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى، 12 ئاپتوموبىلى يوقىتىپ تاشلاندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، دائېش رامادىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان رابتەدە بىر قانچە كۈن ئىلگىرى تۇتۇۋالغان 230 ئادەمنى قويۇۋەتتى؛ ئەنبار ۋىلايەت مەجلىسى باياناتچىسى ئېيد ئەمماش، شەھەردىكى سىم تۈۋرۈكلىرىگە باغلىنىپ ھەر خىل ھاقارەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە قىيىن – قىستاقلارغا ئېلىنغان مەزكۇر كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
رابتەدىكى نەزىر ئەلقۇبەيسى ئىسىملىك بىر كىشى جېدەللىشىپ قالغان بىر دائېش ئەزاسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، دائېشمۇ قۇبەيسنى شەھەرنىڭ مەركىزىدە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنىدى.
قۇبەيسنىڭ جىنازىسىغا قاتناشقان يۈزلەرچە كىشى جەسەتنى يەرلىككە قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ‹دائېشنىڭ رايون خەلقىگە قاراتقان سىياسەتلىرى› گە نارازىلىق بىلدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن دائېش نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىپ، رايون ئاھالىسىدىن مەزكۇر 230 ئادەمنى تۇتۇۋالغانىدى.