«سۈرىيە چاقىرىۋاتىدۇ» سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى...

بىيورگىنسدوتىر «سۈرىيە چاقىرىۋاتىدۇ» سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

373427
 «سۈرىيە چاقىرىۋاتىدۇ» سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىئىسلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت 50 سۈرىيەلىكنىڭلا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىشىدىن كېيىن ئىسلاندىيەلىك يازغۇچى برىندىس بىيورگىنسدوتىر ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە «سۈرىيە چاقىرىۋاتىدۇ» سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.
بىيورگىنسدوتىر ئىسلاندىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ سۈرىيەلىك پاناھلىق تىلىگۈچىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە چاقىرىقتا بولدى.
323 مىڭ نوپۇسلۇق ئىسلاندىيە خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلارنىڭ سانى 24 سائەت ئىچىدە 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلار ئارىسىدا پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى كەڭ ئاچقانلاردىن سىرت يەنە، ئىسلاندىيەدىكى كۈندىلىك ھاياتقا ماسلىشىشى ئۈچۈن ھەرقايسى ساھەلەردە تىل ئۆگىنىش كۇرسلىرىنى ئېچىشقا ئوخشىغان سۈرىيەلىكلەرگە خالىسانە ياردەم بېرىۋاتقان پىدائىيلار، كىيىم – كېچەك، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ۋە ئۆي جاھازلىرىنى ئىئانە قەىلغۇچىلارمۇ بار ئىكەن.
بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان ئىسلاندىيەلىك مىنىستىر ھاردار، سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى ھەمدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىۋاتقانلىقى ۋە تېخىمۇ كۆپ پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر