ئىسپانىيەدىكى بىر ئېتىلداق زاۋۇتىدا پارتلاش مەيدانغا كەلدى
ئىسپانىيەدىكى بىر ئېتىلداق زاۋۇتىدا پارتلاش مەيدانغا كېلىپ 5 ئادەم ئۆلدى، 6 ئادەم يارىلاندى.
341609
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان زاراگوزا شەھىرىدىكى بىر ئېتىلداق زاۋۇتىدا پارتلاش مەيدانغا كېلىپ 5 ئادەم ئۆلدى، 6 ئادەم يارىلاندى.
يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلدى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى پارتلاش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن جىددىي خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە.
پارتلاشنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى.