ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ خىتاي زىيارىتى نارازىلىق پەيدا قىلدى

تونېر: «بىزنىڭ پوزىتسىيەيىمىز ئىنتايىن روشەن. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋە تېخىچە قولغا ئېلىنمىغان شەخسلەرنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشقا ۋە زىيارەتلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېدى.

387456
ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ خىتاي زىيارىتى نارازىلىق پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان پىرېزىدېنتىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىگە ئامېرىكا نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۇ ئىشتىن «قايغۇرىۋاتىمىز» دېدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان زىيارىتىدىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
تونېر كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەسىلىگە مۇناسۋەتلىك سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، «سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ 3 – سىنتەبىردە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن قايغۇرماقتىمىز. ئۆمەر ئەل بەشىر خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۇرۇش جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەتلەر ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىدى، بىراق سۇتنىڭ بۇ قارارى تېخىچە ئىجرا قىلىنمىدى. بىز خەلقئارا سوتنىڭ مەزكۇر جىنايەتلەرنىڭ جاۋاپكارىنى سوتقا تارتىشىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيمىز» دېدى.
تونېر يەنە «بىزنىڭ پوزىتسىيەيىمىز ئىنتايىن روشەن. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋە تېخىچە قولغا ئېلىنمىغان شەخسلەرنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشقا ۋە ئېلىپ بارىدىغان زىيارەتلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېدى.
تونېر بىر مۇخبىرنىڭ «ئۇنى بارغان يەردە قولغا ئېلىش كېرەكمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «تېخىمۇ ئۇچۇق قىلىپ قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەيۋاتىمەن، قىلمىشلىرى ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىگە ۋە ئۇنى قولغا ئېلىش لازىملىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر