ئاق دېڭىزدا يەنە بىر كۆچمەن تىراگېدىيەسى يۈز بەردى

ئاق دېڭىزدا ھەر كۈنى دېگۈدەك قانۇنسىز كۆچمەنلەر تىراگېدىيەلىرى يۈز بەرمەكتە.

371997
ئاق دېڭىزدا يەنە بىر كۆچمەن تىراگېدىيەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ زۇۋارا شەھىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان بىر كېمە چۆكۈپ كېتىپ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مەزكۇر يەتتە ئادەمنىڭ جەسىتى تىرابلۇسنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ھۇمۇس دېڭىز ساھىلىغا لەيلەپ چىققاندىن كېيىن، كېمىدىكى باشقا يولۇچىلارنى ئىزدەش خىزمەتلىرى باشلىدى.

ھۇمۇس ساھىلىغا يېقىن جايدا ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنىمۇ 500 ئادەم ئولتۇرغان بىر كېمە چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، كېمىدىكىلەردىن 198 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 136 ئادەمنىڭ جەسىتى چىقىرىلغان بولۇپ، قالغانلارنى ئىزدەش خىزمەتلىرى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

لىۋىيە ئافرىدىن كېلىپ ئىتالىيەنىڭ لامپېدۇسا ئارىلى ئارقىلىق ياۋروپاغا كەتمەكچى بولغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم لېنىيەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئاق دېڭىزىدا پەقەت مۇشۇ يىل (2015) ئىچىدىلا 2500 ئادەم، جۇللۇقى چىقىپ كەتكەن كېمىلەر چۆكۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر