ناتو ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنى ئافغانىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ

ناتو تالىبانغا قارشى ئۇرۇش قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇپ چىققان 8 ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

372340
ناتو ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنى ئافغانىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى – ناتو تالىبانغا قارشى ئۇرۇش قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇپ چىققان 8 ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق يولى خەۋپى ئېغىر بولۇۋاتقان ئافغانىستاندا ھاۋا يولى قاتنىشىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنىڭ شەرت – شارائىتى تولۇق بولۇپ، ئارتۇقچە مەبلەغ سېلىشقا كېرەك يوق ئىكەن.

ئافغانىستانلىق ئالاقىدار ئەمەلدارلارمۇ بۇ بازىلارنىڭ ئافغانىستاننى ھاۋا يولى ئارقىلىق جەنۇب ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا باغلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. لېكىن، ئافغانىستان ئاۋىياتسىيە تارماقلىرىنىڭ ھاۋا قاتنىشىنى كونترول قىلىش تەجرىبىسىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ۋە چىرىكلىك دېگەندەك بەزى ئەھۋاللارنىڭ بۇ بازىلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر