دائېش يەنە بىر تارىخى يادىكارلىقنى ۋەيران قىلدى

دائېش پالمىرادا يەنە بىر تارىخى ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىۋەتتى.

372438
دائېش يەنە بىر تارىخى يادىكارلىقنى ۋەيران قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش سۈرىيەگە جايلاشقان پالمىرا قەدىمىي شەھىرىكى بەل ئىبادەتخانىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى چېقىۋەتتى.
يەرلىك مەنبەلەردىن نەقىل قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دائېش مىلىتانلىرى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان پاتلاتقۇچلارنى پارتلاتقان، پاتلاش سەۋەبىدىن ئىبادەتخانىنىڭ كۆپ قىسمى ۋەيران بولغان.
ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ قەدىمىي دىنى ماكانلاردىن بولغان بەل ئىبادەتخانىسى رىم ئىمپېرىيەسى دەۋىرىدە مىلادىن ئىلگىرى 32-يىلى بەرپا قىلىنغان.
دائېش بىر ھەپتە ئىلگىرى پالمىرادىكى تارىخى باسسالشامىن ئىبادەتخانىسىنى پارتلاتقان، ئىلگىرىمۇ مار ئېلىيان مۇناستىرىنى كىرانلار بىلەن يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەنىدى.
«چۆلنىڭ كېلىنى» دەپ ئاتىلىدىغان پالمىرا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن 1980-يىلى دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر