پاكىستان دۇنيا بويىچە 3 – ئەڭ چوڭ ئاتوم كۈچىگە ئايلىنىشى مۇمكىن

ئامېرىكىنىڭ «Carnegie» خەلقئارا تىنچلىق فوندى جەمئىيىتى ۋە «Stimson» ناملىق چۈشەنچە تەتقىقات ئىنىستېتۇتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان دوكلاتتا پاكىستاننىڭ دۇنيا بويىچە 3 - چوڭ يادرو كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

371076
پاكىستان دۇنيا بويىچە 3 – ئەڭ چوڭ ئاتوم كۈچىگە ئايلىنىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان پات يېقىندا دۇنيا بويىچە 3 – ئەڭ چوڭ ئاتوم كۈچىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.
ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق «Carnegie» خەلقئارا تىنچلىق فوندى جەمئىيىتى ۋە «Stimson» ناملىق چۈشەنچە تەتقىقات ئىنىستېتۇتىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسدە تەييارلانغان دوكلاتتا، پاكىستاننىڭ پات يېقىندا دۇنيا بويىچە 3 – ئەڭ چوڭ يادرو كۈچكە ئايلىنالىشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىندى.
توبىي دالتون ۋە مىچەل كىرپون تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان دوكلاتتا، ئامېرىكا ۋە رۇسىيەدىن قالسىلا پاكىستاننىڭ ئالدىمىزدىكى 5 ياكى 10 يىل ئىچىدە بۇ كۈچگە ئىگە بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
دوكلاتتا پاكىستاننىڭ ھىندىستان بىلەن ئۇرۇش چىقىپ قىلىش ئېھتىمالى يۈزىسىدىن يىلىغا 20 دانە يادرو ئوق بېشى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ھازىر پاكىستاننىڭ قولىدا 120 يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بارلىقى، ھىندىستاننىڭ قولىدا بولسا 100 دانە يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بارلىقى تەكىتلەندى. پاكىستاننىڭ 5 يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان مەزگىلدە 350 دانە يادرو ئوق بېشى ئىشلەپچىقىرىپ، دۇنيا بويىچە 3 ئەڭ چوڭ يادرو كۈچكە ئايلىنالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
1947 – يىلى پاكىستان بىلەن ھىندىستان مۇستەقىللىقلىرىنى تەڭلا جاكارلىغاندىن كىيىن بىر قانچە قېتىم ئۆزئارا ئۇرۇش قىلغان ئىدى. پاكىستان ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت دۈشمەن قېرىنداشلار مۇستەقىللىقتىن كېيىنمۇ تالاش – تارتىشلىق كەشمىر رايونى يۈزىسىدىن 3 قېتىم ئۆزئارا ئۇرۇش قىلغاندىن سىرت ھەر قايسى ساھەلەردە كەسكىن رىقابەت باشلىدى. ھەر ئىككى دۆلەت 1998 – يىلى ئېلىپ بارغان ئاتوم سناقلىرى بىلەن يادرو تاپانچىغا ئىگە بولدى.
ھازىر ئامېرىكا ۋە رۇسىيەدىن قالسىلا فىرانسىيە 300 يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن دۇنيا بويىچە 3 – ئەڭ چوڭ ئاتوم كۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر