«رۇسىيە ئۇكرائىنا چېگرىسىغا 50مىڭ ئەسكەر توپلىدى»

ئۇكرائىنا پىرىزېدېنتى پېترو پوروشېنكو رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگرىسىغا 50مىڭ ئەسكەر توپلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

368837
«رۇسىيە ئۇكرائىنا چېگرىسىغا 50مىڭ ئەسكەر توپلىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرىزېدېنتى پېترو پوروشېنكو رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان چېگرىسىغا 50مىڭ ئەتراپىدا ئەسكەر توپلىغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىمۇ 9000دەك رۇس ئەسكىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
پايتەخت كىيىۋدە ئۇكرائىنا مۇستەقىللىقىنىڭ 24-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلغان پوروشېنكو، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كىرزىسنى ھەل قىلىشتا بۇ يىل فېۋرالدا ھاسىل قىلىنغان مىنسك كېلىشىمىدىن باشقا يول قالمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇكرائىنا كىرزىسىدىكى رولى سەۋەبلىك غەرب دۆلەتلىرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ تەسىرىنى رۇسىيەنىڭ بىۋاستە ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان پوروشېنكو، ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئە ئالاھىدىلىكىنى سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئۆستۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇكرائىنانىڭمۇ تىنچلىقىنى ياقلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پوروشېنكو، ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ دۆلەت ئارمىيەسىگە ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
پوروشېنكو ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ۋەقەلەردە 2100 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، توقۇنۇشلاردا 7320 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى. رۇسىيە قىرىمنى مەجبۇرىي قوشۇۋالغاندىن كېيىن بۇلتۇر ئاپرېلدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە رۇسىيە بۆلگۈنچى كۈچلىرى قوراللىق ھەرىكەت باشلىۋەتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر