ب د ت دائېشنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ، دائېشنىڭ سۈرىيەدىكى قەدىمىي شەھەر بەئەلشامىن ئىبادەتخانىسىنى چېقىپ تاشلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
368946
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت پەن - مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى، ئىبادەتخانىنىڭ چېقىپ تاشلىنىشىنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇ قىلمىشقا «سۈرىيە خەلقى ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر يوقىتىش» دەپ باھا بەردى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مۇشۇ يىلى ماي ئېيىدا مەزكۇر ئىبادەتخانا جايلاشقان پالمىرا شەھىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا كىرگۈزگەنىدى.