ئابباس پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بەردى

مەھمۇت ئابباس پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى تەشكىلىي ھەيئەت رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

339970
ئابباس پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن پىرىزېدېنتى مەھمۇت ئابباس پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى تەشكىلىي ھەيئەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.
ئىستېپاغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھاماس ئابباسنىڭ ئىستېپاسىنىڭ «مىللىي ئىتتىپاقتىن يۈز ئۆرۈش» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھاماس تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا : «ئابباسنىڭ بۇ قارارى ئۇنىڭ پەلەستىن مىللىي ئىتتىپاقىنىڭ بەرپا بولۇشىنى خالىمايىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېيىلدى.
ئابباسنىڭ تەشكىلىي ھەيئەت كېڭىشىنى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا سىياسىي قارارلار ئېلىش سىياسىتى بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا، ئابباس ئۆكتىچىلەر ئورۇن ئالمايدىغان تەشكىلىي ھەيئەت كېڭىشى تەشكىل قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى.
پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى تەشكىلىي ھەيئەت كېڭىشى ئەزاسى غاسسام شەكا تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئابباس بىلەن 9 ئەزانىڭ راماللاھتىكى پەلەستىن پىرېزىدېنتلىق بىناسىدا چاقىرىلغان يىغىندا ئىستېپانامىسىنى مەملىكەتلىك كېڭەش باشقارمىسىغا سۇنغانلىقىنى ئېيتقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر