سومالىدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمدا 16 ئەسكەر ئۆلدى
سومالىدا ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 21 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 28 ئادەم يارىلاندى.
339153
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان كىسمايو شەھىرىدىكى بىر ھەربىي بازىغا بومبا قاچىلانغان ئارابۇس بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا 16 ئەسكەر ئۆلدى، 21 ئەسكەر يارىلاندى.
پايتەخت موقدىشۇدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا، پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى؛ نۇرغۇن ئادەم يىغىلىۋالغان برى قەھۋەخانىنىڭ ئالدىدا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىل بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 7 ئادەم يارىلاندى.