شەندوڭدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش مەيدانغا كەلدى
خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى بىر خىمىيە مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتىدا پارتلاش مەيدانغا كەلدى.
341984
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يەرلىك دائىرىلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن (شەنبە) كەچتە خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىر خىمىيە مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتىدا پارتلاش مەيدانغا كەلدى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پارتلاشتا 1 ئادەم ئۆلگەن، 9 ئادەم يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، پارتلاش شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 8 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇانتەي رايونىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، پارتلاشتىن كېيىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.
مۇشۇ ئاينىڭ (ئاۋغۇست) 12- كۈنى خىتاينىڭ تىيەنجىن شەھىرىدىكى بىر خەتەرلىك خىمىيەلىك ماددىلار ئامبېرىدا ئىككى چوڭ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 121 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.