لىۋان كوچىلىرى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتتى

لىۋاننىڭ پايتەختى بەيرۇتتا خەلق كوچىلارغا دۆۋلىنىپ كەتكەن ئەخلەتلەر سەۋەبلىك كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

339297
لىۋان كوچىلىرى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاندا ئىككى ئايدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئەخلەت كىرزىسى خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
پايتەخت بەيرۇتتا پارلامېنت بىناسى ئالدىغا يىغىلغان مىڭلارچە كىشى ھۆكۈمەتنىڭ خاتا سىياسەتلىرىگىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى.
ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، بېسىملىق سۇ، كالتەك ۋە پىلاستىك ئوقلار بىلەن زەربە بەردى، قالايمىقانچىلىقتا يارىلانغانلار جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى بىلەن دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلدى.
پايتەخت بەيرۇتتىكى بىردىنبىر ئەخلەت يىغىش شىركىتى ئىيۇلدا خىزمەتلىرىنى توختىۋەتكەنىدى. نەتىجىدە يىغىلىپ كەتكەن ئەخلەتلەر سەۋەبىدىن ئېغىر سالامەتلىك مەسىلىلىرى كېلىپ چىقتى.
لىۋاندا پىرىزېدېنتلىق ئورنىنىڭ ھازىرغىچە بوش بولۇشى نۇرغۇن باشقۇرۇش مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
پىرىزېدېنت مىشېل سۇلايماننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2014-يىلى 25-مايدا ئاخىرلاشقان بولۇپ، شۇ كۈندىن باشلاپ لىۋان پىرىزېدېنتسىز قالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر