پيۇڭياڭ - سېئۇل ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كەسكىنلىشىپ كەتتى

 شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى KCNA، ھەربىي ئالىي كومىتېتىنىڭ كىم جوڭئۇننىڭ رەھبەرلىكدە جىددىي يىغىن چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

337072
پيۇڭياڭ - سېئۇل ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كەسكىنلىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندا، «چېگرا مۇداپىيە قىسىملىرىنى زۆرۈر تېپىلغاندا تۇيۇقسىز ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارالايدىغان شەكىلدە ئۇرۇشقا تەييار ھالەتتە تۇرغۇزۇش» قارارى ئېلىندى.
جەنۇبىي كورېيە، شىمالىي كورېيەنىڭ چېگرادىكى تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلىتىگەن چوڭ رادىيوسىغا توپ-زەمبىرەك ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغانىدى.
پيۇڭياڭ جەنۇبىي كورېيە تەشۋىقات رادىيوسىنىڭ ئاڭلىتىشىنى 48 سائەت ئىچىدە توختاتمىغان تەقدىردە، سېئۇلغا ھەربىي يوللار ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
سېئۇل ھۆكۈمىتى بولسا تەشۋىقات رادىيوسىنىڭ داۋاملىق ئاڭلىتىش بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر