ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 70- يىللىقى خاتىرىلەندى

يىراق شەرق، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە ياپونىيە مۇستەملىكە ئىمپېراتورلۇقى يىمىرىلگەنلىكىنىڭ 70 – يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتە.

329640
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 70- يىللىقى خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەختى پيوڭياڭدا ئەنئەنىۋى شىمالىي كورېيە ناخشا – ئۇسسۇللىرى ئورۇندالغاندىن كېيىن، زور كۆلەملىك ئېتىلداق نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. شىمالىي كورېيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى بىۋاسىتە تارقاتقان ئېتىلداق ئېتىش نومۇرلىرى 15 مىنۇت داۋاملاشتى.

شىمالىي كورېيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەردە، پىرېزىدېنت كىم جوڭ ئۇننىڭ خەلقنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلماي، شىمالىي كورېيەنىڭ سابىق رەھبەرلىرىنىڭ خاتىرە مۇنارلىرى جايلاشقان رايوننى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقى دىققەتنى تارتتى.

خوڭكوڭدىمۇ دۆلەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇرۇش غازىلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ياپونىيەنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىىنى مۇستەملىكە قىلىشى 1910- يىلى باشلىغان بولۇپ، تاكى 1945- يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقۇچە داۋاملاشقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر