رۇسىيە سۈرىيەگە ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بەردى

رۇسىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپۇتنىك، موسكۋانىڭ 2007 - يىلى تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، سۈرىيەگە ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

329778
رۇسىيە سۈرىيەگە ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپۇتنىك، موسكۋانىڭ MİG-31 تىپلىق 6 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سۈرىيەگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

سپۇتنىكنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئايروپىلانلار سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتىكى مەززە ھەربىي ئايرودرۇمىغا قونغان.

MİG-31 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىلغار رادارلىرى ئارقىلىق 200 كىلومېتىرلىق ھاۋا تەۋەلىكىنى كۈزىتىپ تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى پەۋقۇلئاددە ئېگىزلىكتە تۇرۇپ چارلاش ئېلىپ بېرىش ۋە ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.

MİG-31 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۇنيانىڭ ئەڭ تېز ئۇچىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

رۇسىيە 2007 – يىلى سۈرىيەگە 8 دانە MİG-31 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ بېسىمى تۈپەيلى كېلىشىمنى توڭلىتىپ قويغانىدى.

خېلىدىن بۇيان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيەدە سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدسىز بىر ھەل قىلىش چارىسىگە قايىل بولۇشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كېلىۋاتاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر