ئامېرىكا ئاتمەدىكى بومباردىمان توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

سۈرىيەنىڭ ئاتمە يېزىسىدىكى بومباردىماندا ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭمۇ نىشانغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر نارازىلىقلار داۋاملىشىۋاتىدۇ.

326831
ئامېرىكا ئاتمەدىكى بومباردىمان توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بومباردىماندا پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى بۇ خىل ۋەقەلەرنى ئەڭ ئازغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن نىشانلارنى بايقاش جەريانىدا قاتتىق ئۆلچەملەرنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، بومباردىماندا مۇۋاپىق قوراللارنىڭ تاللانغانلىقى ۋە ئىستىخبارات تەھلىلى قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئىنچىكە تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم سۈرىيە بىلەن ئىراقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى) نۇقتىلىرىنى 24 قېتىم بومباردىمان قىلدى. سۈرىيەدە ئەبۇ كەمال ئىككى قېتىم، ھاسەكە بەش قېتىم، ھەلەب ئۈچ قېتىم، كوبانى ئىككى قېتىم بولۇپ جەمئىي 12 قېتىملىق بومباردىمان ئېلىپ بېرىلدى. بومباردىماندا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تاكتىكىلىق بۆلۈملىرى، ھەربىي ئىسكىلاتلىرى ۋە ئۇرۇش نۇقتىلىرى ۋەيران قىلىندى.
دائېشنىڭ ئىراقتىكى نۇقتىلىرىمۇ 12 قېتىم بومباردىمان قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر