ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە تېنچلىق كېلىشىمى تۈزمەكچى
ۋەلىد ئەل ئىۋاد: «ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزۈلۈش ئېھتىمالىي بولغان تېنچلىق كېلىشمىنىڭ ماددىلىرى ھەققىدە پەلەستىنلىك ھەر قايسى گۇرۇپپىلار بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ باردى» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن تۇزۈلۈش ئېھتىمالى بولغان تېنچلىق كېلىشىمىنىڭ ماددىلىرى ئۈستىدە پەلەستىنلىك ھەر قايسى گۇرۇپپىلار بىلەن مۇزاكىرىلەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
پەلەستىن خەلق پارتىيەسى رەھبەرلىرىدىن ۋەلىد ئەل ئىۋاد بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ: «ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزۈلۈش ئېھتىمالىي بولغان تىنچلىق كېلىشمىنىڭ ماددىلىرى ھەققىدە پەلەستىنلىك ھەر قايسى گۇرۇپپىلار بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ باردى» دېدى.
ئەل ئىۋاد ئەڭ مۇھىم ماددىنىڭ غەززە دېڭىز ساھىلىنىڭ 3 كىلومېتىرلىق دېڭىز تەۋەلىكىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە بىۋاستە تۇتىشىدىغان ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن ناتونىڭ تەكشۈرۈشى ئاستىدا بولىدىغان بىر سۇ ئۈستى پورت بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
خەلق پارتىيەسى رەھبەرلىرىدىن ئەل ئىۋاد كېلىشىمنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى كەرىم ئەبۇ سالىم ۋە شىمالىدىكى ئەرەز چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئېچىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كېلىشىم ماددىلىرىدا يەنە، قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق غەززەگە ھەر تۈرلۈك ماتېرىياللارنىڭ كىرىشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنىشى ئورۇن ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ھاماس رەھبەرلىرىدىن ئىسمائىل رىدۋان غەززە تەرەپتە تېنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ھېچقانداق مۇئەييەن پوزىتسىيە يوقلۇقىنى ئېيتتى.
رىدۋان: «ھاماسنىڭ تېنچلىق ھەققىدە مەخپىي تۇتىدىغان ھېچ نەرسىسى يوق، غەززەنى ئىيوردان دەرياسىدىن ئايرىشنى كۈچەيتىدىغان ھېچقانداق كېلىشىمگە قېتىلىشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
ئىسرائىلىيە ئاخباراتلىرى ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تېنچلىق كېلىشمى تۈزۈلۈشى توغرۇلۇق ئەرەب ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر مۇررەسسەلەشتۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە ھاماسنىڭ كېلىشىم ئۈچۈن ئاخىرقى شەرتلىرىنى قويۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.