بۈگۈن دۇنيا رابىيە كۈنى

مىسىرنىڭ دېموكراتىك يوللار ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىنىڭ 2013 - يىلى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇۋېتىلگەنلىكىگە 2 يىل بولدى.

327588
 بۈگۈن دۇنيا رابىيە كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇرسىنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلىشى مىسىر دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قارشى چىققۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى.
مىسىر ئارمىيەسى قاھىرەدە رابىئەتۇل ئەدەۋىييە ۋە نەھدە مەيدانلىرىدا يىغىلغان دېموكراتىيەنى قوللىغۇچىلارنى قاتتىق باستۇردى.
خەلق ئىرادىسى تانكىلار بىلەن باستۇرۇلغان ۋەقەلەر جەريانىدا مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىڭلارچە كىشى يارىلاندى.
ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تىركەشكەن مىڭلارچە كىشى تانكىلار بىلەن باستۇرۇلغان قانلىق ھەربىي ھەرىكەت ۋە قەتلىئام كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەت» دەپ ئاتالغانىدى.
مىسىردا رابىئەتۇل ئەدەۋىييە مەيدانىغا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنىڭ 2 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيەدىن سىرت يەنە، 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ پائالىيەتلەردە ۋەقەلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر