ياپونىيە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدىن ۋاز كەچمەيدۇ

ياپونىيەنىڭ يادرو ئورگىنى سەندائى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى يىلى تەستىقتىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ ئىستانسىغا تەۋە يەنە بىر رېئاكتور قازان ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىشقا كىرىشتۈرىلىدۇ.

323764
ياپونىيە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدىن ۋاز كەچمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە فۇكىشىما پاجىئەسى يۈز بېرىپ 4 يېرىم يىلدىن بۇيان ئىشلىتىلمەيۋاتقان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدىن ئىككىنى يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن ئىشقا كىرىشتۇردى.
ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سەندائى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىغا تەۋە 1 – رېئاكتور قازاننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن ئىستانسا قايتىدىن پائالىيەت باشلىدى. كېلەر ھەپتە جۈمە كۈنىدىن تارتىپ ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدۇ ۋە سىنتەبىردە تۇلۇق ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ خىزمەت قىلىدۇ.
رېئاكتور قازىنىنىڭ ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈنمەستىن قايتا پائالىيەتكە ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ياپونىيەنىڭ يادرو ئورگىنى سەندائى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى يىلى تەستىقتىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ ئىستانسىغا تەۋە يەنە بىر رېئاكتور قازان ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىشقا كىرىشتۈرىلىدۇ.
ياپونىيەدە 2011 – يىلى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدىن كېيىنكى فۇكىشىما پاچىئەسى تۈپەيلى بەزى يادرو رېئاكتور قازانلىرى ئىشتىن توختىغان ئىدى.
ياپونىيەدىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ ھەممىسى يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان قاتتىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىردىن ئۆتكۈزۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر