سۈرىيەدە 48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى

سۈرىيەنىڭ لىۋان چېگراسىغا يېقىن يەرگە جايلاشقان زابادانى بازىرى ۋە ئىدلىب رايونىدىكى 2 شىئە يېزىسىدا ئۇرۇش توختىتىش قارار قىلىندى.

323583
سۈرىيەدە 48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ لىۋان چېگراسىغا يېقىن يەرگە جايلاشقان زابادانى بازىرى ۋە ئىدلىب رايونىدىكى 2 شىئە يېزىسىدا ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى مەقسىتىدە 48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش قارار قىلىندى.

كېلىشىم، لىۋاندىكى ھىزبۇللاھنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچى ‹ئەھرارۇششام› گۇرۇپپىسى ئارىسىدا ھاسىل قىلىندى. باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر داۋام قىلماقتا. ئۇرۇش توختىتىلغان ئەسنادا رايوندىكى ئەھۋالى ئېغىر كىشىلەر بىخەتەر رايونلارغا يۆتكىلىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ئىككى يېزىدىكى يېمەك – ئىچمەكسىز قالغان خەلققە ئاشلىق ياردىمى بېرىلىدۇ.

بىر ئىران ھەيئىتى ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئوينىدى.

بۇ جەرياندا، سۈرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ھاسەكە رايونىدا سۈرىيە ئارمىيەسى، كورد ۋە سۇريانى گۇرۇپپىلار دائېشقا قارشى بىرلەشمە كۈچ تەشكىل قىلىش مەسىلىسى بويىچە بىرلىك ھاسىل قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر