مىسىردا دۆلەت كادىرلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى

مىسىردا دۆلەت كادىرلىرى دۆلەت ئورگانلىرىنى ئىسلاھات قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇنغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

331568
مىسىردا دۆلەت كادىرلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت كادىرلىرى دۆلەت ئورگانلىرىنى ئىسلاھات قىلىش ئۈچۈن ماقۇللانغان قانۇننىڭ، ئادالەتسىز ۋە ئاساسىي قانۇنغا زىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2000غا يېقىن باج ۋە تاموژنا كادىرى پايتەخت قاھىرىدە مەزكۇر قانۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.
مارت ئېيىدا ماقۇللانغان قانۇن 6 مىليون كىشى خىزمەت قىلىدىغان دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئىسلاھات دائىرىسىدە چېگىش مائاش تۈزۈملىرىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئۇنۋان ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۆلچەم بېكىتىش قاتارلىقلار ئورۇن ئالىدۇ. قانۇننىڭ بېكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار، مەزكۇر قانۇننىڭ ئاساسىي قانۇنغا زىت ئىكەنلىكىنى ۋە ئادىل ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
نامايىشچىلار يەنە پۇل-مۇئامىلە ۋە پىلان بانكىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشىنىمۇ تەلەپ قىلماقتا.
مەزكۇر قانۇن دائىرىسىگە دوختۇرلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش مۇھىم دۆلەت كادىرلىرىنىڭ كىرگۈزۈلمەسلىكى قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر