خىتايدا تەيفېڭ بورىنى سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 14كە يەتتى

خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىدا تەيفېڭ بورىنى سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 14كە يەتتى ۋە نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلدى.

320745
خىتايدا تەيفېڭ بورىنى سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 14كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا سودېلور تەيفېڭ بورىنى يۈز بېرىپ 14 كىشى ئۆلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، جېجياڭ ئۆلكىسىدە تەيفېڭ بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە باشقا تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبلىك 14 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 4 ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىدا بولۇپمۇ جېجياڭ، فۇجيەن، ئەنخۇي ۋە جياڭشى قاتارلىق ئۆلكىلەردە 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم تەيفېڭ بورىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، شۇنداقلا رايوندا پات-پات توك توختاپ كەتمەكتە ئىكەن.
تەيفېڭ بورىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان جېجياڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ۋە يەر ئولتۇرۇش كېتىش ھادىسىسىدە 223 ئۆي ۋەيران بولغان، 272 تاشيول بىلەن 43600 گېگتارلىق تېرىلغۇ ئېتىزلار ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان. جېجياڭ ئۆلكىسىدە تەيفېڭ بورىنى سەۋەب بولغان ئىقتىسادىي زىيان 4 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر