ياپونىيە خىروشىما قۇربانلىرىنى ئەسلىدى

ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خىروشىماغا تاشلانغان ئاتوم بومبىسى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىمەكتە.

317035
ياپونىيە خىروشىما قۇربانلىرىنى ئەسلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتوم بومبىسى پاجىئەسىنىڭ 70 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خىروشىماغا توپلانغان يۈزلەرچە كىشى، يۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى؛ چىراقلارنى كۆتۈرۈپ، ناخشىلارنىڭ تەڭكەشلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن يۈرۈش پائالىيىتى شەھەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئىبادەتخانىلىرىنىڭ بىرىدە ئاخىرلاشتى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا توپلانغان خەلق، بۇنداق بىر پاجىئەنىڭ ئىككىنچى يۈز بەرمەسلىكىنى تىلەپ دۇئا قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىروشىمادىكى تىنچلىق خاتىرە مۇنارىنىڭ يېنىدا شەپەق ئىبادىتى ئۆتكۈزۈلدى؛ ئىبادەتكە ئىشتىراك قىلغان يۈزلەرچە كىشى كۆز ياشلىرى ئىچىدە دۇئا قىلدى، شام كۆيدۈردى.

خاتىرە باغچىسىدىكى رەسمىي مۇراسىم بولسا، سەھەر چاڭلىرىنىڭ چېلىنىشىدىن كېيىن ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلىدى. ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، دۇنيانىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىنىشى ئۈچۈن، خىزمەت ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1945 – يىلى 6- ئاۋغۇستتا خىروشىماغا تاشلانغان ئاتوم بومبا 140 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ھايات قالغانلار بولسا، رادىئاتسىيەنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراپ ئۇزۇن يىللارغىچە سالامەتلىك مەسىلىلىرىنىڭ دەردىنى تارتقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر